FacebookTwitterYouTubeDailymotionScribdCalameo
SlideshareIssuuPinterestGoogle plusInstagramTelegram
Chat About Islam Now
Choose your country & click on the link of your language.
Find nearby Islamic centers & GPS location on the map.

Our Islamic Library contains:
Islamic TVs channels LIVE
Islamic Radios LIVE
Multimedia ( Videos )
Multimedia ( Audios )
Listen to Quran
Interactive files & QR codes
Misconceptions
Islam Q & A
Morality in Islam
Articles
The Noble Qur'an
Understanding Islam
Comparative Religions
Islamic topics
Women in Islam
Prophet Muhammad (PBUH)
Qur'an and Modern Science
Children
Answering Atheism
Islamic CDs
Islamic DVDs
Presentations and flashes
Friend sites

Articles' sections



Author:


Go on with your language:
qrcode

ئىسلام دېنى بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر
شەيخ: ئەبۇ كەرىم ئەل مەراكىشى

Viewed:
1041

ئىسلام دېنى بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدۇر

قەلەمدە: ئەبۇ كەرىم ئەل مەراكىشى

ئىسلام دىنى - ئۇنىڭدىن  باشقا دىن بولمىغان- ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا بۇ دىنغا ياردەم قىلىشنى، بۇ دىننى قوغداشنى ۋە باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان

لىكىن، ئىسلام زادى قانداق دىن؟ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىدە، ئىسلام دىنى بىلەن رىقابەتكە چۈشىدىغان باشقا دىنلار بارمۇ؟ دەپ سورالسا، بىرىدىغان جاۋابىم شۇكى: ئاللاھ تائالا خىلمۇ – خىل دىنلارنى چۈشۈرمىگەن، ئاللاھ سۇبھانە ۋەتائالا پەيغەمبەرلىرىنى پەقەت ۋە پەقەت بىر دىن ئۈستىگە ئەۋەتكەن" ئۇ دىن بولسىمۇ- ئىسلامدۇر"

بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزرىدە مەقبۇل دىن – ئىسلام دىنىدۇر"[1]. ئاللاھ تائالانىڭ بارچە پەيغەمبەرلىرى ۋە ئەلچىللىرى، پەقەت ئىسلامدىن ئىبارەت بىر دىننى ئىلىپ كەلگەن

نۇھ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلگەن، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "ئۇلارغا نۇھنىڭ قىسسىسىنى ئوقۇپ بەرگىن، ئۆز ۋاقتىدا نۇھ قەۋمىگە:" ئې قەۋمىم! ئەگەر سىلەرگە مىنىڭ ئىچىڭلاردا تۇرۇشۇم ۋە سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلىتىشىم ئىغىر كەلگەن بولسا، مەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم (يەنى ئاللاھقا يۆلەندىن، سىلەرگە پەرۋا قىلمايمەن). سىلەر بۇتىڭلار بىلەن بىرلىكتە ،مىنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلارنى قارار قىلىۋىرىڭلار، ئىشىڭلار سىلەرگە غۇۋا بولۇپ قالمىسۇن، (يەنى مىنى قەستلەيدىغان ئىشىڭلار ئاشكارا بولسۇن) ئاندىن مىنى بىر دەممۇ كىچىكتۈرمەي، مىنىڭ ھەققىمدە خالىغىنىڭلارنى ئىجرا قىلىۋىرىڭلار. ئەگەر سىلەر (مىنىڭ نەسىھەتىمدىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، سىلەردىن ھەق سورىغىنىم يوق، مەن ئەجىرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سورايمەن، مەن (ئاللاھقا) بويسۇنغۇچىلاردىن بولۇشقا بۇيرۇلدۇم" دېدى"[2]

ئىبىراھىم ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلگەن ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: "ئۆز ۋاقتىدا ئىبىراھىم بىلەن ئىسمائىل كەبىنىڭ ئۇلىنى قوپۇرىۋىتىپ :" پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيتىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن. پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن قىلغىن، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىن،مۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەنئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ھەجىمىزنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگەىن، تەۋبىمىزنى قوبۇل قىلغىن، چۈنكى سەن تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇرسەن، ناھايىتى مىھرىبانسەن. پەرۋەردېگدرىمىز! ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بىرىدىغان، كىتابىڭنى (قۇرئاننى)، ھىكمەتنى (سەھىھ سۈننەتنى) ئۇلارغا ئۆگىترىدىغان، ئۇلارنى (مۇشرىكلىك ۋە گۇناھلاردىن) پاك قىلىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھىكىمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن" دېدى. ئۆزىنى ئەخمەق قىلغۇچىلاردىن باشقا كىم ئىبىراھىمنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرىيدۇ؟ ھەقىقەتەن بىز ئۇنى بۇ دۇنيادا پەيغەمبەرلىككە تاللىدۇق. شەك – شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتتە ئۇ ياخشىلار قاتارىدا بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا : "(پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىگە) ئىتائەت قىلغىن"دېدى. ئۇ "ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلدىم" دېدى. ئىبراھىم ۋە يەئقۇب ئۆز ئوغۇللىرىغا ۋەسىيەت قىلىپ:" ئې ئوغۇللۇرۇم! ئاللاھ سىلەرگە مۇشۇ دىننى (يەنى ئىسلام دىنىنى) تاللىدى. پەقەت مۇسۇلمان پىتىڭلارچە ئۆلۈڭلار (يەنى ئىمانىڭلاردا مەھكەم تۇرۇڭلار، تاكى ئىمان بىلەن كىتىڭلار)" دېدى[3]

يەئقۇپ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلگەن. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: "يەئقۇپ جان ئۈزىۋاتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بارمىدىڭلار؟ شۇ چاغدا يەئقۇپ ئوغۇللىرىدىن:"مەن ئۆلگەندىن كىيىن سىلەر كىمگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىدى. ئۇلار" "سىنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا – بوۋىلىرىڭ ئىبىراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىمىز" دېدى[4]

 لۇت ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلگەن، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "زېمىندا ۋە ئۆزۈڭلاردا ئاللاھقا چىن ئىتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار، بۇنى كۆرمەمسىلەر. ئاسماندا سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان ساۋاپ بار. ئاسماننىڭ ۋە زېمىننىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان نەرسە ئۆزۈڭلارنىڭ سۆزلەۋاتقىنىڭلاردەك(يەنى سۆزلىگىنىڭلارنىڭ ئۆزەڭلارغا ئېنىق بولغنىدەك)ھەقتۇر. (ئې مۇھەممەد) ساڭا ئىبراھىمنىڭ ھۆرمەتلىك مىھمانلىرىنىڭخەۋىرى يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ يىنىغا كىلىپ سالام دېدى، ئىبىراھىم سالامنى ئىلىك ئالدى. (ئىچىدە) "ناتونۇش ئادەملەرغۇ" دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا ئائىلىسىگە چىقىپ (پىشۇرۇلغان) بىر سىمىز موزاينى ئېلىپ كىرىپئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ: "يىمەمسىلەر؟" دېدى[5]

يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلدى، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "پەرۋەردېگارىم! ماڭا ھەقىقەتەن پادىشاھلىق ئاتا قىلدىڭ، چۈش تەبىرىنى بىلدۈردىڭ، ئې ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى زات! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مېنىڭ ئىگەمسەن، مىنى مۇسۇلمان پىتىمچە قەبزى روھ قىلغىن، مىنى ياخشى بەندىلەر قاتارىدا قىلغىن" دېدى[6]

 مۇسا ئەلەيھىسسالام مۇشۇ دىن بىلەن كەلگەن، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "مۇسا : "ئې قەۋمىم! ئەگەر ئاللاھقا ئېمان ئېيتقان بولساڭلار، ئاللاھقا بويسۇنغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار (يەنى ھەممە ئىشىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇرۇڭلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا يۆلىنىڭلار)" دېدى[7] 

بۇ دىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى بەنى ئىسرائىلنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: سېھىرگەرلەر سەجدىگە باردى. ئۇلار دېدى:" ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق. مۇسا ۋە ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق. پىرئەۋىن ئېيتتى: سىلەر مەن رۇخسەت قىلماي تۇرۇپ مۇساغا ئىمان ئېيتىڭلار، بۇ چوقۇم سىلەرنىڭ شەھەر (يەنى مىسىر)دىكى چىغىڭلاردا ئاھالىنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن (مۇسا بىلەن بىرلىشىپ) ئالدىن پىلانلىغان ھىيلەڭلاردۇر. (سىلەرنى قانداق جازالايدىغانلىقىمنى) ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر. سىلەرنىڭ قولۇڭلارنى، پۇتۇڭلارنى چوقۇم ئوڭ – چەپ قىلىپ (ئوڭ قولۇڭلار بىلەن سول پۇتۇڭلارنى ياكى سول پۇتۇڭلار بىلەن ئوڭ قولۇڭلارنى) چوقۇم كىسىمەن، ئاندىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرىمەن. دەرگاھىغا قايتقۇچىلارمىز. سەن بىزنى پەقەت پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە نازىل قىلغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئەيىبلەۋاتىسەن. پەرۋەردېگارىمىز! بىزگە سەبىر ئاتا قىلغىن ، بىزنى مۇسۇلمان پىتىمىزچە قەبزى روھ قىلغىن"[8]

بۇ دىن بەنى ئىسرائىلنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "بىز ھەقىقەتەن (مۇساغا) تەۋراتنى نازىل قىلدۇق، تەۋراتتا (توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان) ھىدايەت ۋە نۇر بار. (ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە) بويسۇنغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىلار ئارسىدا (تەۋرات بىلەن) ھۆكۈم قىلىدۇ. (يەھۇدىيلارنىڭ) زاھىتلىرى ۋە ئۆلىمالىرىمۇ (ئۆزگەرتىشتىن) ساقلاشقا بۇيرۇلغان كىتابۇللاھ (يەنى تەۋرات) بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۇلار تەۋراتنى (ئۆزگەرتىشتىن ساقلاشقا) نازارەتچى ئىدى. (ئې يەھۇدىلارنىڭ ئۆلىمالىرى!)  كىشىلەردىن قورقماڭلار ، مەندىن قورقۇڭلار. مېنىڭ ئايەتلىرىمنى ئاز پۇلغا تىگىشمەڭلار (يەنى پۇل – مال ، مەنسەپ ۋە پارا ئۈچۈن ئايەتلىرىمنىڭ ھۆكىمىنى ئۆزگەرتىۋەتمەڭلار). كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر"[9]

بۇ دىن سۇلەيمان ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "سىلەر ماڭا ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار، مېنىڭ ئالدىمغا مۇسۇلمان بولغان ھالدا كېلىڭلار. ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: "ئې ئۇلۇغلار! مېنىڭ بۇ ئىشىمدا مەسلىھەت بىرىڭلار، سىلەرنى ئۈستىدە قويماي تۇرۇپ ھىچ ئىشنى بىكىتكىنىم يوق"[10]

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " سۇلايمان ئېيتتى: "ئې ئۇلۇغلار! ئۇلار مېنىڭ قىشىمغا مۇسۇلمان بولۇپ كىلىشتىن بۇرۇن، (سىلەردىن) كىم ئۇنىڭ تەختىنى ئىلىپ كىلىدڭ؟"[11]

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "بىلقىس كەلگەندە (ئۇنىڭغا): "سېنىڭ تەختىڭ مۇشۇنداقمۇ؟" دېيىلدى. ئۇ : "شۇدەك تۇرىدۇ" دېدى. (سۇلەيمانئاللاھنىڭ نېئمىتىنى سۆزلەش يۈزسىدىنئېيتتى.) ئۇنىڭدىن (يەنى بىلقىستىن)  بۇرۇن بىزگە(ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى بىلدۈرىدىغان) ئىلىم بىرىلدى، بىز مۇسۇلمان بولدۇق[12]

يەنە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " ئۇنىڭغاا (يەنى بىلقىسقا) : "سارايغا كىرگىن" دېيىلدى، ئۇ (يەنى بىلقىس) ساراينى چوڭ دەپ گۇمانلىنىپ (لىيىمنى كۆتۈرۈپ) ئىككى پاچىقىنى ئاچتى، سۇلەيمان ئېيتتى:"شۈبھىسىزكى، ئۇ ئەينەكتىن ياسالغان سارايدۇر". ئۇ (يەنى بىلقىس) ئېيتتى: " پەرۋەردىگارىم، مەن ھەقىقەتەن(ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرۈپ، قۇياشقا چوقۇنۇش بىلەن) ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، سۇلەيمان بىلەن بىللە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بويسۇندۇم،(يەنى سۇلەيمانغا دىنىغا ئەگىشىپ ئىسلامغا كىردىم)"[13]

بۇ دىن ئىيسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەۋۋارىيلارنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " ئىيسا ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار)دىن كۇپرىنى (كۇپرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيتىگە كەلگەنلىكىنى) سەزگەن چاغدا: "ئاللاھ ئۈچۈن (ئاللاھقا دەۋەت قىلىش يولىدا) ماڭا كىملەر ياردەم بىرىدۇ؟" دېدى. ھەۋارىيلار (ئۇنىڭ تەۋەلىرىدىن ھەقىقى مۆئمىنلەر) ئېيتتى: " ئاللاھ ئۈچۈن ساڭا بىز ياردەم قىلىمىز، ئاللاھقا ئېمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز بويسۇنغۇچىلارمىز."[14]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: " ئەينى زاماندا مەن ھەۋارىيلارغا: " ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتىڭلار" دەپ ۋەھىي قىلدىم. ئۇلار،"بىز  ئېمان ئېيتتۇق، گۇۋاھ بولغىنكى، بىز (ئەمرىڭگە) بويسۇنغۇچىلارمىز" دېدى[15]

بۇ دىن جىنلارنىڭ ئىچىدىكى ھىدايەتكە ئىرىشكەنلەرنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: "بىزدىن مۇسۇلمانلار ۋە ھەق يولدىن چىققۇچىلارمۇ بار، مۇسۇلمان بولغانلار توغرا يولنى ئىزدىگەن بولىدۇ. توغرا يولدىن چىققۇچىلار جەھەننەمگە ئوتۇن بولىدۇ"[16]

بۇ دىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇن، ھەقنى چىڭ تۇتقان ئەھلى كىتاپنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " قۇرئاندىن ئىلگىرى بىز كىتاپ (يەنى ئىنجىل، تەۋرات) نازىل قىلغانلار (يەنى ناسارالار ۋە يەھۇدىلارنىڭ مۆئمىنلىرى) قۇرئانغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارغا قۇرئان تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا ، ئۇلار: "بىز قۇرئانغا ئىشەندۇق، شۈبھىسىزكى ، ئۇ پەرۋەردىگارىمىز تەرپىدىن نازىل بولغانھەقىقەتتۇر، بىز ھەقىقەتەن بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان ئىدۇق"دەيدۇ[17]

بۇ دىن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولغان پەيغەمبىرىمىز – مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەقبۇل دىن ئىسلام (دىنى)دۇر. كىتاپ بىرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كىيىنلا ئۆز – ئارا ھەسەت قىلىشىپ، ئىختىلاپ قىلىشتى (يەنى ئىسلامنىڭ ھەقلىقىنى،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى روشەن پاكىتلار ئارقىلىق بىلىپ تۇرۇپ، كۆرەلمەسلىكتىن ئىنكار قىلىشتى). كىمكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىكەن (ئاللاھ ئۇنى يېقىندا جازالايدۇ)، ئاللاھ تائالا تىز ھىساپ ئالغۇچىدۇر. (ئې مۇھەممەد) ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن (دىن بارىسىدا) مۇنازىرلەشسە: "ماڭا ئەگەشكەنلەر بىلەن بىرلىكتە، مەن ئۆزەمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم (يەنى ئاللاھنڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنغۇچىلارمىز) دېگەىن. كىتاپ بىرىلگەنلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا) ۋە ئۈممىلەرگە (يەنى ئەرەپ مۇشرىكلىرىغا) :"مۇسۇلمان بولدۇڭلارمۇ؟" دېگىن . ئەگەر ئۇلار مۇسۇلمان بولسا، توغرا يول تاپقان بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (ساڭا ھىچ زىيىنى يوق)، سىنىڭ پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىڭ بار، ئاللاھ بەندىلىرىنى (يەنى ھەممە ئەھۋالىنى) تولۇق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر"[18]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:" (ئې  مۇھەممەد) ئېيتقىنكى: "پەرۋەردىگارىمدىن ماڭا روشەن دەلىللەر كەلگەن چاغدا، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەنئى قىلىندىم، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇم"[19]

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:"  بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نىئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم " [20].  ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم ، ئىسلام دىنىنىڭ پۈتۈن ئاسمان – زېمىن ئەھلىنىڭ دىنى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:" ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن (ئىسلام دىنىدىن) باشقا دىننى تىلەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكىلەر ۋە زېمىنلاردىكىلەر ئىختىيارى ۋە ئىختىيارسىز رەۋىشتە ئاللاھقا بويسۇنغان تۇرسا، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) ئاللاھ تەرپىگە قايتۇرىلىدۇ[21]

پەقەت مۇشۇ دىن ئۈچۈن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەلچىلىرىنى ۋە پەيغەمبەرلىكىنى پادىشاھلارغا ۋە قەۋىملەرنىڭ كاتىباشلىرىغا ئەۋەتتى، ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلارنىڭ ئىسلامغا كىرشىگە شاھىت بولدى.

ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:" ئې ئەھلى كىتاپ! (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھىچ نەرسىنى شىرىك كەلتۈرمەسلىك، ئاللاھنى قويۇپ بىر – بىرىمىزنى خۇدا قىلۋالماسلىقتەك ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان بىر سۆزگە (يەنى بىر خىل ئەقىدىگە) ئەمەل قىلايلى، دېگىن، ئەگەر ئۇلار يۈز ئۆرىسە (يەنى بۇنى قوبۇل قىلمىسا): (ئې يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار جامائەسى!) بىزنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھ بولۇڭلار"[22]

مەنبە: ئىسلام ۋە خىرىستان دىنى ئوتتۇرسىدىكى مۇنازىرە    

www.islamic-invitation.com

[1] . سۈرە ئال ئىمران 19- ئايەت

[2] . سۈرە يۇنۇس 71- 72.  ئايەت

[3] . سۈرە بەقەرە 127- 132. ئايەت

[4] . سۈرە بەقەرە 133. ئايەت

[5] .سۈرە زارىيات 21- 26.ئايەت

[6] . سۈرە يۈسۈپ 101.ئايەت

[7] . سۈرە يۇنۇس 84. ئايەت

[8] . سۈرە ئەئراڧ 120- 126. ئايەت

[9] . سۈرە مائىدە 44. ئايەت

[10] . سۈرە نەملە 31- 32. ئايەت

[11] . سۈرە نەملە 38. ئايەت

[12] . سۈرە نەملە 42. ئايەت

[13] . سۈرە نەملە 44. ئايەت

[14] . سۈرە ئال ئىمران 52. ئايەت

[15] . سۈرە مائىدە 111. ئايەت

[16] . سۈرە جىن 14-15. ئايەت

[17] . سۈرە قەسەس 52- 53. ئايەت

[18] . سۈرە ئال ئىمران 19-20. ئايەت

[19] . سۈرە غاڧىر 66. ئايەت

[20] . سۈرە مائىدە 3.ئايەت

[21] . سۈرە ئال ئىمران 83. ئايەت

[22] . سۈرە ئال ئىمران 64. ئايەت

 
All copyrights©2006 Islamic-Invitation.com
See the Copyrights Fatwa